UyghurMain Dictionary
چەپ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سول؛ تەتۈر، كاج.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سول، تەتۈر، تەسكىرى، ئەكسى، كاج؛ چەپ قول - سول قول؛ چەب بايان - تەتۈر بايان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەدەننىڭ يۈرەك ئورناشقان تەرىپى، سول قول، چەپ قول.
ئوڭ
بەدەننىڭ يۈرەك يوق تەرىپى، ئوڭ قول.
ئېشەككە ئوڭدىن مىنگەننىڭ سولدىن مىنگەندىن پەرقى يوق. ئوڭ كۆزۈڭ چەپ كۆزۈڭگە دۈشمەن. ئوڭ قول كۆنمىگەنگە سول قولمۇ كۆنمەس. ئوڭ كۆز سول كۆزنى كۈنلەيدۇ.
شىۋىلەر
سول، تەتۈر ( كۆچمە مەنىدە كېلىشەلمەسلىك، ئوڭۇشسىزلىق، پالاكەتلىك، نەس، كاج دېگەن ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
گەۋدىنىڭ يۈرەك جايلاشقان تەرىپىدىكى؛ سول.
چەپ كۆز.
گەۋدىنىڭ شۇ تەرەپكە يېقىن، شۇ تەرەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى.
چەپ تەرەپ. چەپ يانچۇق.
كۆچمە. ئىشى ئوڭغا يۈرمەيدىغان، نەس؛ تەتۈر.
چەپ ئادەم