Chinese→UyghurMain Dictionary
城市公社
دۇنيا تارىخى
شەھەر كوممۇنىسى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋرۇپا شەھەرلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان بىر خىل تىپى. غەربىي ياۋرۇپا شەھەرلىرى پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە خوجىدارلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. شەھەر ئاھالىلىرى خوجىدارلارغا باج - سېلىق تاپشۇرغان ھەمدە ھاشارغا ئىشلىگەن. سودا - سانائەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋەشەھەر كۈچلىرىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئازساندىكى شەھەرلەر پۇل خەجلەپ، كۆپ ساندىكى شەھەرلەر كۈرەش ئارقىلىق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، شەھەر كوممۇنىسىنى قۇرغان. شەھەر كوممۇنىسىنىڭ سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن شەھەر پارلامېنتى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملىرى بولغان. سوت ۋە قوراللىق كۈچى بولغان، سىرتقا قارىتا ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ تۈزۈش ھوقۇقى بولغان. ھاكىمىيەت ئاساسەن شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە كەسەبە باشلىقلىرىنىڭ چاڭگىلىدا بولغان. شىمالىي ئىتالىيىدىكى بەزى شەھەرلەر (مەسىلەن، ۋېنېس، گېنويە ۋە فىرېنزې قاتارلىقلار)دە پەقەت شەھەرلەر ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۆزىگەقوشۇۋېلىپ، شەھەر جۇمھۇرىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. Ⅸ - ⅡⅩ ئەسىرلەردە پادىشاھلىق ھاكىمىيەت شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قوللاپ، يەرلىك خوجىدارلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن كېيىن پادىشاھلىق ھاكىمىيەت قۇدرەت تېپىش داۋامىدا ئاستا - ئاستا شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن، شەھەر كوممۇنىسىمۇ بارا - بارا ئۆز ئورنىدىن مەھرۇم بولغان.