Chinese→UyghurMain Dictionary
成虫
ئورمانچىلىق
chéng chóng
يېتىلگەن ھاشارەتDتېببىي
chéng chóng
يېتىلگەن قۇرتDباغۋەنچىلىك
chéng chóng
يېتىلگەن ھاشاراتDئۇنىۋېرسال
chéng chóng
يېتىلگەن قۇرت، يېتىلگەن ھاشارات
بىئولوگىيە
يېتىلگەن قۇرت
بەزى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ئىندىۋىدلىق تەرەققىيات جەريانىدىكى جىنسى يېتىلگەن باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ھاشاراتلار سىنىپىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئىندىۋىدلىق تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچىنى ۋە ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ شورىغۇچى قۇرتلار، تاسما قۇرتلار ھەمدە يىپسىمان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى تۈرلىرىنىڭ يېتىلگەن ئىندىۋىدىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ. يېتىلگەن قۇرتنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل ئاتىلىق، ئانىلىق جىنسىي ئايرىمىسى روشەنلەشكەن بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد كۆپەيتىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولىدۇ؛ مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشى لىچىنكىسىغا قارىغاندا مەلۇم دەرىجىدە مۇرەككەپ، يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىش ۋە مۇقىملىشىشقا يەتكەن بولۇپ، قايتا ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. ھاشاراتلاردىن قاناتلىق تۈرلىرىنىڭ قانىتى پۈتۈنلەي ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مەسىلەن چىۋىن چىۋىن قۇرتىنىڭ يېتىلگەن قۇرتى، پاشا، لىچىنكىسىنىڭ يېتىلگەن قۇرتى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتىكى ھايۋانلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇنداق جىنسىي يېتىلگەن باسقۇچى يېتىلگەن قۇرت دېيىلمەي يېتىلگەن تەنە دېيىلىدۇ.