UyghurMain Dictionary
چەكمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تارتماق، باشتىن كەچۈرمەك:
تارتماق، ئۇرماق:
تىكىپ، سىزىپ، ئويۇپ، بېزىمەك:
1. زەۋق ئېتىپ جەبرۇ جەفاسىن جان بىلە چەككەي ئىدىم،
ياد قىلسە گاھى گەھ يارى جەفاكارىم مېنى.
ھافىز خارەزمى.
2. چەككىل قىلچىڭنى تەقى مەن خەستەنى چاپغىل،
سەنسىز چۇ تىرىلمەك ماڭا ئەسرى قارا قىندۇر.
ھافىز خارەزمى.
3. چۇ سۆز ۋادىسغە سۈرۈپ رەخشىنى،
قەلەم گامى بىرلە چېكىپ نەقشىنى.
ئا. نىزرى.
4. فەنا فەرراشى ئەيلەپ سۈبھىنىڭ سىيمىن پەرۇ بالىن،
مۇرەسسەئ تارى مىژگانىنى جارۇيى ھەرەم چەكتى.
ئەرشى.
5. نەچە يىل چېكىپ سەن ئۈچۈن رەنجىنى، زەماندىن كۆرۈپ تۇرفە ئىشكەنجىنى.
ئا. نىزارى.
6. چۇ بىرلەمئە قەۋسى قۇزەھ چەكتى ياي،
تولۇئ ئەيلەدى كەينىدىن تولۇن ئاي.
ئا. نىزارى.
7. يۈرۈبان چېكىپ ئاغزىدا ئەلفىراق،
نىگارى ئۈچۈن تارتىبان ئىشتىياق.
ئا. نىزارى.
قىلماق، ئەتمەك:
چىدىماق، بەرداشلىق بەرمەك:
ياسىماق، تەييارلىماق: 7. سۆزلىمەك:
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
قېشىنى قاقماق، مەسىلەن:
ئەندى مېنى كېتىدۇ دەپ،
چەكمە قېشىڭنى.
غورىلاينىڭ بالىسىدەك
تۆكمە يېشىڭنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بارماق، زەخمەك قاتارلىقلار بىلەن ئۇرماق.
پىشانىگە چەكمەك.
ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چىنە ئالساڭ چېكىپ كۆر (ماقال).
كۆچمە. رايىنى، مەيلىنى بايقاپ كۆرمەك؛ سىنىماق.
رەيھان ھەر قېتىم چىققاندا، ھۈرنىساخان گەپ ئەگىتىپ قىزنى چېكىپ قوياتتى.
كۆچمە. تاللىماق، خىللىماق.
چېكىپ تۇرۇپ ئالماق.
يىڭنە قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاب ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىگە، نەرسە يۈزىگە سانجىپ ياكى ئويۇپ، تىلىپ، شەكىل چىقارماق؛ نەقىشلىمەك.
گۈل چەكمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تارتماق، سۈمۈرمەك، ئىستېمال قىلماق.
تاماكا چەكمەك.
كۆچمە. باشتىن كەچۈرمەك؛ تارتماق، كۆرمەك.
جاپا چەكمەك