UyghurMain Dictionary
چەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بانكىنىڭ پۇل مۇئامىلىسىدە ئىشلىتىلىدىغان قەغەز.
بانكىنىڭ چېكى.* پۇل چېكى.* چەك كەسمەك.* چەككە پۇل ئالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. سايلام بېلىتى .
چەك كەسمەك.* چەككە ھەممىدىن كۆپ چەك چىقتى.
2. بىرەر ئىشتا ئىلگىرى _ كېيىنلىك، ئۇتۇش _ ئۇتتۇرۇشىنى بەلگىلەش، مەسىلىنى ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ بىرىدە ھەل قىلىشنى بەلگىلەش ئۈچۈن، ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. چەك ئالماق.* چەك تارتماق.* چەك چىقماق.* چەك تاشلىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسم
ئىش _ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، چېگرىسى، پەللىسى.
چەكلىك، چەكسىز.* چەكلىمە.* چەك قويماق.* چېكىگە يەتمەك.* چېكىدىن ئاشماق.* ئوغرىغا چەك بار، پىتنىگە چەك يوق ( ماقال ).* تاقەت مەلۇم چەككە يەتكەندە، گۈزەل ئەخلاق بولماي قالىدۇ.
بېرىلمىگەيسەن ھەسەتكە زىنھار،
ھەسەتتە يا چەك يوق، يا مىقدار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چەكمەك، چېكىش. 1. بارماق بىلەن يېنىك ئۇرماق، قاقماق.
ئىشىك چەكمەك.* پېشانىگە چەكمەك.* قازان ئالساڭ، چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ، بېلىپ ئال ( ماقال ).* ئات ئالساڭ مىنىپ ئال، چىنە ئالساڭ، چېكىپ ئال ( ماقال ).
2. تارتماق، شورىماق، شۈممەك. تاماكا چەكمەك.* زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەك.* نەشە چەككەن كىشىنىڭ تۈتۈن بىلەن قارنى توق ( ماقال ).* ناسۋال چەككەن كىشىنى، ئۇرۇپ چاققىن چىشىنى ( ماقال ).
3. ھەر خىل تىغ بىلەن ئويۇپ، تىلىپ بىرەر شەكىل چىقارماق. نەقىش چەكمەك.* تاش چەكمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل .
جەريان ياردەمچىسى. بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇئ
ھەسرەت چەكمەك، پىغان چەكمەك، ئازاب چەكمەك، ئازار چەكمەك.* كىمكى جاپا چەكمىدى، راھەتكىمۇ يەتمىدى ( ماقال ).* چەككىنىم جەبىر _ جاپا، ئاڭلىغىنىم تەنە _ تاپا ( ماقال ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل يىپ رەخت بولۇپ، بۇنىڭدىن يەمەكلەر ئۇچىسىغا ئارتىدىغان يېپىنچا تىكىپ كىيىدۇ.
3 - 213
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بانكىنىڭ پۇل ئېلىش، پۇل بېرىش مۇئامىلىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
سايلامدا، سايلىغۇچىلار سايلانغۇچىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويىدىغان قەغەز، بېلەت.
لاتارى بېلىتى.
رەت تەرتىپىنى بەلگىلەش ۋە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قوللىنىدىغان بىر خىل ۋاستە.
چەك ئالماق. چەك تاشلىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
داۋاملىشىۋاتقان نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى، توختاش نۇقتىسى؛ چېگىرىسى، پەللىسى.
چېكىگە يەتمەك. چەكتىن ئاشماق.
كۆچمە. يول قويۇلۇش مۇمكىنلىكى بولغان ئاخىرقى نۇقتا؛ ئۆلچەم، نورما.
چەك قويماق. چەكتىن ئاشماق. چەككە يەتمەك.