UyghurMain Dictionary
چىڭدۇدىكى خۇڭچىڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى سىچۈەندىكى چىڭدۇ شەھىرىنىڭ شىچىڭ رايونى يۇڭچىك كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1666 _ يىلى سېلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا يۈننەنلىك چى بابا بۇل چىقىرىپ سالدۇرغان دېگەن گەپلەر بار. 1917_ يىلى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. 2 _ 3 يىلدىن كېيىن قايتا سېلىندى. چوڭ خانىقا ئەسلىدىكىدەك سېلىنمىدى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مو ئىدى. كېيىن 7 مو 7 فۇڭغا ئازايتىلدى، بۇ سىچۈەندىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.