UyghurMain Dictionary
چېچەن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مىللەت نامى ۋە شۇ مىللەتتىن بولغان كىشى.
چېچەنلەر.* چېچەن تىلى.* چېچەنچە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
سۈزگۈر ۋە سۆزمەن.
چېچەن ئادەم.* چېچەن يىگىت.* چېچەن يېڭىلسا، مىڭ يىللىق ( ماقال ).* چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گەپ - سۆزگە ئۇستا، كىشىگە گەپ بەرمەيدىغان.
گەپدننىڭ سۆزى - مەرگەننىڭ ئوقى. گەپدان بولغۇچە ئىشچان بولساڭچۇ! باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قۇلى. مەمەدان خۇشامەت قىلسا، راست دەپ قالما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
گەپ - سۆزگە ئۇستا ۋە كۆپ سۆزلەيدىغان.
كەم سۆز، كەم سۇخەن
ئوشۇق - تۆشۈك گېپى يوق، كۆپ سۆزلىمەيدىغان.
گەپدان بولغۇچە ئىشچان بول. ۋالاقتەككۈر سۆزمەندىن دۆت ئارتۇق. باتۇرنى جەڭدە سىنا، چېچەننى دەۋادا. مەمەداننىڭ ئويى قىسقا. گەپچى گەپتىن قالسا، گېلىدىن تاماق ئۆتمەس. كەم سۆز يىگىت ساز يىگىت، مەدداھ ۇيىگىت ماز يىگىت. كەم سۇخەن كەمدىن كەم تېپىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تېز پەملىيەلەيدىغان، زېھنى ئۆتكۈر؛ زېرەك، ھوشيار، ئەقىللىق.
چېچەن قىز. چېچەن ئادەم.
چېچەن يېڭىلسە، مىڭ يىللىق (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھازىرقى چېچىنىيە خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. چېچەن، تېتىك، چەبدەس.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
چېچەن، زېھنى ئوچۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
زىرەك، چېچەك، زېھنى ئۆتكۈر كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
زېرەك، ئەقىللىق