Uyghur←ChineseMain Dictionary
چاڭئەن شەھىرى
دۇنيا تارىخى
长安城
cháng ān chéng
چاۋشيەننىڭ ئۈچ دۆلەت مەزگىلىدىكى كورىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى. شەھەر خارابىسى ھازىرقى پېخنىياندا. مىلادى Ⅵ ئەسىردە بىنا قىلىنغان. ئۇ ئىچكى شەھەر، شىمالىي شەھەر، ئوتتۇرا شەھەر ۋە تاشقى شەھەر قاتارلىق تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. شەھەر ئايلانمىسى 23 كىلومېتىر بولۇپ، داتۇڭ دەرياسى، پۇتۇڭ دەرياسى تەبىئىي ھالدا خەندەك بولغان. ئىچكى شەھەر يەنى ئوردا بولۇپ، ئۇنى شىمالىي، ئوتتۇرا شەھەر ئەمەلدارلار مەھكىمىسى رايونى. تاشقى شەھەر ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق رايونى. شەھەرنىڭ كوچىلىرى شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا كېسىشىپ كەتكەن. چوڭ كوچىلىرىنىڭ كەڭلىكى 40 گەز (تەخمىنەن 13 مېتىر)، كوچا ئارىلىقى 500 گەز (تەخمىنەن 170 مېتر9 كېلىدۇ.چوڭ كوچىلار ئوتتۇرىسىدا چاسا شەكىللىك رايونلار شەكىللەنگەن بولۇپ، 15 گەز )5 مېتىر( كەڭلىكتىكى كىچىك كوچىلار ئارقىلىق تۆت پارچىغا بۆلۈنگەن