Uyghur←ChineseMain Dictionary
چاۋشيەننىڭ ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
朝鲜祖国解
cháo xiǎn zǔ guó jiě
چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1945 - يىلى 8 - ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كېڭىشىپ، چاۋشيەننىڭ شىمالىي پاراللېل 38 سىزىقى (38 - پاراللېل) نى ئىككى دۆلەتنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتىلىق ھەربىي چېگرا سىزىقى قىلىپ بېكىتكەن، سوۋېت ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى <38 - پاراللېل> نىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان. 1946 - 1947 - يىللىرى، <سوۋېت ئىتتىپاقى - ئامېرىكا ئورتاق كومېتىتى> نىڭ چاۋشيەننىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان. 1950 - يىلى 6 - ئايدا، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن دائىرىلىرىگە ئوتتۇرغا قويغان شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ پارلامېنتىنى ئاساس قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى جەنۇبىي چاۋشيەن دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشيەن قوشۇنىنى 38 - پاراللېل سىزىقىدىن ئۆتۈپ، شىمالغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ھەمدە ئۆزىمۇ <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيسى> دېگەن بايراقنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇرۇشقا رەسمىي قاتناشقان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ ھۇجۇم مەغلۇپ قىلىنىپ، چاۋشيەن خەلق ئارمىيسى 9 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق يېرىنى ئازاد قىلغان. 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئامېرىكا ئارمىيسى رېنچۇەندە قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە شىمالغا ئىلگىرلىگەن. ئۇنىڭ ئالدىنقى قىسمى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدە يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ بويىغا قىستاپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىنى غالجىرلىق بىلەن بومباردىمان قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگو چېگرىسىغىچە تۇتاشتۇرغان. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگو پىدائىي قوشۇن ئەۋەتىپ، چاۋشيەن خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلىپ، ئامېرىكا تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا زەربە بەرگەن. جۇڭگو - چاۋشيەن قوشۇنلىرى 9501 - يىل 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 1951 - يىل 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگىچە ئۇدا 5 قېتىم جەڭ قىلىپ، جەمئىي 230 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، ئۇرۇشنى 38 - پاراللېل سىزىق ئەتراپىغا مۇقىملاشتۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ 1951 - يىلى 6 - ئايدا تەشەببۇس قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن - جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىشى ئارقىسىدا، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ كەيچېڭ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى بەنمېنديەندە چاۋشيەن ئۇرۇشىنى توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن. سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى كۆپ قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ئىنسانىيەت قېلىپدىن چىقىپ باكتىرىيە ئۇرۇشىنى ئۈزمەي ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ھەممىسىلا چاۋشيەن - جۇڭگو خەلقى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان. 1953 - يىلى 5 - ئايدا چاۋشيەن - جۇڭگو قوشۇنلىرى قۇدرەتلىك يازلىق ھۇجۇم قوزغاپ، غەلىبە قازانغان. ئامېرىكا 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بەنمېنديەندە <چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> گە ئىمزا قويۇشقا مەجبوربولغان. چاۋشيەن - جۇڭگو خەلقلىرى ئاخىر ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يېڭىپ، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان.