UyghurMain Dictionary
چاۋىن مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
پېرۇنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ <شەكىللىنىش مەزگىلى> دىكى بىر خىل مۇھىم مەدەنىيەت. ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرىدىكى خارابىلىقنىڭ ئورنى لىمانىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 270 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى چاۋىن دې خوئانتار دېگەن يەردە بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەت پېرۇنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىغا كەڭ تارقالغان بولۇ، بۇنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن 900 - 200 يىل ئىلگىرىكى يىللارغا توغرا كېلىدۇ. كۆلىمى خېلى زور بولغان ئىبادەتخانىلار، ئوردا - قەسىرلەر شۇنىڭدەك خېلى تەرەققى تاپقان بىناكارلىق نەققاشچىلىقى، ساپال قاچىلار ۋە باشقا ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى بار. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى جەھەتتە تاغلىق رايونلىرىدا تاش ئىشلىتىلگەن.ساپال قاچىلارنىڭ رەڭگى سۇس قىزىل ۋە قۇڭۇربولۇپ، شەكلى ئۈزەڭگىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان چۆگۈن، بوينى قىسقا چۆگۈن ۋە ئاغزى چوڭ قاچىلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان. تاش ئويمىچىلىق تارقالغان. ساپال قاچىلار ۋە تاش ئويمىلارنىڭ يۈزىدىكى سۈرەتلەر مۈشۈك تىپىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئاساسىي مەزمون قىلغان. خېلىلا نازۇك ئىشلەنگەن ئالتۇن بۇيۇملارمۇ بار. جايلاردىكى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرى ھەمدە ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنىڭ شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ھال بىرخىل دىننىڭ تارقىلىشى ۋە تەسىرىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. ئادەتتە، چاۋىن مەدەنىيىتى مەركىزىي ئاندېس مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى، ئوخشاش بىر مەزگىلىدىكى مېكسىكا ئۇلمېك مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشاش رولغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ.