UyghurMain Dictionary
چاۋا
شىۋىلەر
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇق شاق _ شادىلىرى، يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۇۋاقلىرى. مەسىلەن: ئەخلەت _ چاۋا، چاۋا _ چاتقال ( بەزى جايلاردا « چوۋا » مۇ دېيىلىدۇ).
شىۋىلەر
ھايۋاانلارنىڭ ئىچ يېغى. مەسىلەن: چاۋاياغ ( بەزى جايلاردا « چارۋى » دېيىلىدۇ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاۋا.
ياشلارغا قويۇلىدىغان ئىسىم.
3 - 311
بىئولوگىيە
ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تەن بوشلۇقى ئىچىدىكى ئاشقازان چوڭ ئەگمىسى، ئاشقازان كىچىك ئەگمىسى ۋە شۇ ئەتراپتىكى ئورگانلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قورساق پەردە پۈرمىلىرىدۇر. ئۇ قوش قەۋەت ياكى بىر نەچچە قەۋەت نېپىز پەردىلەردىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئادەم تېنىدىكىچاۋا كىچىك چاۋا ۋە چوڭ چاۋا جىگەر قاپقىقىدىن ئاشقازان كىچىك ئەگمىسى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغىچە يېيىلغان قوش قەۋەت قورساق پەردىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، تۈزۈلۈشى ھەم ئورنى نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ. ئۇ يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، يەنى جىگەر، ئاشقازان سىڭىرى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي سىڭىرى. ئالدىنقىسىدا ئاشقازان ئوڭ - سول ۋېنا تومۇرلىرى، ئاشقازان ئۈستى لىمفا تۈگۈنى ھەم ئاشقازان نېرۋىلىرى قاتارلىقلار بولىدۇ. كېيىنكىسى ئۆت غول نەيچىسى ۋە جىگەردە بولىدىغان ئارتېرىيىلەر، قاپقاق ۋىناسى، لىمفا نەيچىسى، لىمفا تۈگۈنى ھەم نېرۋا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىچىك چاۋىنىڭ ئاساسلىق رولى تىرەك بولۇش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت. چوڭ چاۋا ئاشقازان چوڭ ئەگمىسىدىن كۆندىلەڭ تۈگۈنچەك ئۈچەيگىچە بولغان قورساق پەردىسى بولۇپ، خالتىدەك ساڭگىلىغان خۇددىي بىر پەرتۇقتەك ئىنچىكە ئۈچەي ھەم كۆندىلەڭ تۈگۈنچەك ئۈچەينىڭ ئالدى تەرىپىنى يېپىپ تۇرىدۇ. تۆت قەۋەت قورساق پەردىلىك تۈزۈلۈش بولۇپ، ھەرىكەتچانلىقى چوڭراق. ئۇنىڭد مايلار يىغىلىپ ساقلىنىدۇ. قان تومۇرلار كۆپ ھەمدە تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ماكروفاگلار بولىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەر ئادەتتە يىغىلىپ سۈت داغلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چوڭ چاۋا مۇھىم قوغدىنىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە بولۇپ، قورساق بوشلۇقىغا كىرگەن مىكرو ئورگانىزىملارنى يوقىتالىغاندىن باشقا، يەنە قورساق بوشلۇقىدىكى بەزى ئورگانلاردا ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەندە كېسەل ئوچىقىنى ئورىۋېلىپ ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىنى چەكلىيەلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاناتومىيە
قېرىننىڭ پەسكى قىسمى بىلەن سان ئارىلىقى.
قېرىن مېيى.