—Reference
چاشقان
Domain: ھايۋاناتلار دۇنياسىيەر شارىدا ئىنسانلاردىن باشقا، چاشقان سانى ئەڭ كۆپ، ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ھەتتا رادىئاكتىپلىق نۇرمۇ ئۇنى يوقىتالمىغان.1945 - يىلى8 - ئايدا ياپونىيىنىڭ ھىروشىما شەھىرىنى ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى تاشلاپ خانىۋەيران قىلىپ تۈزلىۋەتكەندە، قۇشلار، چارۋىلارنىڭ نەسلى يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، چاشقان زىيانكەشلىككە ناھايىتى ئاز ئۇچرىغان.
چاشقاننىڭ كەم دېگەندە1700 تۈرى بار، ئۇلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، نېمە بولسا شۇنى يەۋېرىدۇ، ھەرقانداق يەردە ياشاۋېرىدۇ. كامار كولىيالايدۇ، دەرەخقە چىقالايدۇ، تاغقا چىقالايدۇ، سۇ كېچەلەيدۇ، ھەتتا سۇغا سەكرەپ كىرىپ بېلىق بىلەن ئوزۇقلۇق تالىشىدۇ؛ بىنانىڭ5 - قەۋىتىدىن چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقى ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا ئىنتايىن ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
چاشقانلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ، ھەممىسىدە بىر جۈپتىن توختىماي ئۆسۈپ تۇرىدىغان چوڭ ئۇتتۇر چىشى بولىدۇ. بۇ بىر جۈپ ئۇتتۇر چىش چاشقاننى ئازابقىمۇ سېلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چىشىنى ئۈزلۈكسىز بىلەپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا چىشى ئۇزىراپ ئۆسۈۋېرىپ، ئاغزىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يېپىلماس قىلىپ قويىدۇ، بىرنەرسە يېيەلمەستىن، ئالدىدا يېمەكلىك تۇرسىمۇ يېيەلمەي ئاچ قېلىپ ئۆلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چاشقان گەرچە ياغاچ يېمىسىمۇ، لېكىن دائىم كىيىم ئىشكاپى، ياغاچ ساندۇقلارنى غاجىلاپ بۇزۇۋېتىدۇ، چۈنكى چاشقان ياغاچ غاجىلاپ ئۈزلۈكسىز تۈردە چىشىنى بىلەپ تۇرىدۇ.
چاشقاننىڭ ئاشلىق ئوغرىلاپ يېيىش «ئوغرىلىق تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدۇ». بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بىر چاشقان ئاشلىق ئامبىرىدا بىر يىل تۇرسا12 كىلوگرام ئاشلىقنى يەپ،20 مىڭ تال ماياقلاپ،40 كىلوگرام ئاشلىقنى بېزەپ قىلىۋېتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر يىلى چاشقان بېزەپ قىلىۋېتىدىغان ئاشلىق تەخمىنەن35 مىليون توننا بولۇپ، بۇنچىلىك ئاشلىق بىلەن10 مىليون نوپۇسى بار شەھەرنى20 يىل تەمىنلىگىلى بولىدۇ، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيان ياپونىيىگە تاشلانغان ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بەزى چاشقانلار ئورەك كولاپ توسمىلارنى سۇ ئېلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاشقان يەنە20 خىلدىن ئارتۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ.1347 - يىلى چاشقان چۇما تارقىتىپ25 مىليون ياۋروپالىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
چاشقاننىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى كۆپ، ئەمما پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار. چاشقان تېرىسى يۇمشاق، ئۇنىڭدىن پارقىراق، نوركا جۇۋا - پەلتۇ تىكىشكە بولىدۇ؛ چاشقان يۇڭىنى ھىدرولىزلىغاندىن كېيىن ھىدرولىزلانغان ئاقسىل، سىستىن قاتارلىق دورىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، چاشقان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا گۆشىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە چاشقان گۆشى ئېسىل نازۇنېمەت ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك ئاق چاشقان مېدىتسىنادا تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىدۇ. بەزىلەر چاشقاننىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ئۇنىڭدىن يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە پايدىلانماقتا. چاشقاننىڭ پۇراش سېزىمى ياخشى، جۇغى كىچىك، ئۆزى چاققان بولغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەلدە ئۇنى مەشىق قىلدۇرۇپ «چاشقان ساقچى» قىلىپ تەربىيىلەپ بەزى ئالاھىدە پۇراقلىق بۇيۇملارنىڭ مەسىلەن، زەھەر، ئوق دورىسى قاتارلىقلارنىڭ پۇرىقىنى پىششىق ئىگىلىتىپ، تاموژنا قاتارلىق ئورۇنلاردا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى تەكشۈرۈشتە پايدىلانماقتا.
Example
ئۇ يەردە بىر چاشقان بىر تۇخۇمنى تېرىدى.
Translation: A mouse stole an egg from there.
Reference
Domain: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىكىچىككىنە چاشقان بالىسى تۆشۈكتىن چىقىپ، ئىشىك ئالدىدا ۋە بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا بىر ئاز سەيلە قىلغاندىن كېيىن ئۇۋىسىغا قايتىپ كىرىپتۇ.
بالىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ساياھەتتىن ساق - سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئانا چاشقان خۇشال بولۇپ:
- ھە، بالام، دەسلەپكى سەپىرىڭنىڭ نەتىجىسى قانداقراق؟ - دەپ سوراپتۇ.
چاشقانچاق ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىرىدا:
- قارا ئانا، مەن ئىككى ھايۋان كۆردۈم: بىرى، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق... ئىككىنچىسى، خېلى مۇلايىم، ياخشى كۆرۈنىدۇ، - دەپتۇ.
- ھە، ھە، سۆزلە! قانداق ھايۋانلار ئىكەن، ئۇلارنى قەيەردە كۆردۈڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئانىسى.
- بىرىنچىسى، تولىمۇ سۈرلۈك، قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇ ئىشىك ئالدىدا گىدىيىپ يۈرۈيدۇ، ئۇنىڭ ئاياغلىرى كۆكۈچ قارا، رەڭگا - رەڭ تۈكلىرى ۋالىلداپ تۇرىدۇ، كۆزلىرى قىزغۇچ يۇمىلاق، بېشىدا قىزىل پۆپۈكى بار، تۇمشۇقلىرى ئىلمەك ۋە ئۇچلۇق ئىكەن. مەن يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ ئاغزىنى ئاچتى، ئاياغلىرىنى كۆتۈردى ۋە ھەيۋەتلىك ۋارقىراپ قىچقاردى. مەن قورققىنىمدىن قەيەرگە قېچىشىمنى بىلمەي قالدىم، - دەپتۇ چاشقانچاق.
- بۇ، توخۇ، - دەپتۇ ئانا چاشقان، - ئۇ ھېچكىمگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، سەن ئۇنىڭدىن قورقما! ئۇ ناھايىتى ياخشى جانىۋار ھە، ئىككىنچىسى قانداق ھايۋان ئىكەن.
- ئىككىنچى بىرى، ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتىدۇ، ئۇنىڭ كۆكسى ئاق، دۈمبىسى ئالچىپار، بۇرۇتلىرى يىڭنىدەك تىك بولۇپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدىكەن. ئۇ ئالدىنقى ئىككى پۇتى بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ، بۇرۇتلىرىنى سىلاپ، قۇيرۇقلىرىنى ئوينىتىپ قويىدىكەن. ئۇ ماڭا قاراپ ھىجايغاندەك قىلىپ قويدى. ئۇ خېلى ياۋاش، مەخسۇم سۈپەت كۆرۈنىدۇ، - دەپتۇ چاشقانچاق.
- بۇ دەل مۈشۈك دېگەن قاراقچىنىڭ ئۆزى! ھوشيار بول، ھوشيارلىق بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى، - دەپتۇ ئانا چاشقان.
About this entry
This is a xx–xx dictionary entry.
Sourced from Reference in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.