UyghurMain Dictionary
چار پادىشاھ تۇشىنسكىي
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1610) يەنى لىژېد مىترىي 2 (1608 - 1610 - يىلى تەختتە تۇرغان). روسىيە چار پادىشاھى دېگەن نامنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچى. 1606-يىلى لىژېد مىترىي Ⅰ ئۆلتۈرۈلگەن، 1608-يىلى پولشا يەنە ئۆزىنىڭ قورچىقى لىژېد مىترىي Ⅱ نىڭ روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا مەدەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى موسكۋا ئەتراپىدىكى تۇشنىسكىي قوشۇنى ئىشغالىيەت رايونىدا زورلۇق - زومبۇلۇق، خالىغانچە ئەسكىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، روسىيە خەلقىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىغان. 1608-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، لىژېدمىترىي Ⅱ كونترول قىلىپ تۇرغان ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇرغۇن جايلاردا خەلق قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1609-يىلى ئەتىيازغىچە، قوزغىلاڭچى قوشۇن ۋولگا دەرياسى ۋادىسى شىمالدىكى ئىشغال قىلىنغان كۆپ قىسىم شەھەرلەرنى ئازاد قىلغان. پولشا پانلىرى لىژېد مىترىي Ⅱ نى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، 1609-يىل كۈزدە، پولشا پادىشاھى زوگمۇنت Ⅲ ئۆزى قوشۇن باشلاپ، سىمولېنسكىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە لىژېد مىترىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان پولشالىقلارنى ئۆز قوشۇنىغا قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان. 1610-يىلىنىڭ بېشىدا (1609 - يىلى ئاخىرى دېگەنلەرمۇ بار) لىژېدمىترىي Ⅱ دېھقانچە ياسىنىپ، كازاكلار ۋە بەزى پولشالىقلارنى باشلاپ، تۇشنىسكىيدىن كالىگاغا قاچقاندا، قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.