UyghurMain Dictionary
چارا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچنى ئويۇپ ياسالغان، خېمىر يۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قاچا.
زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن، تەڭلىدە نان كۆرمىگەن چارا خېمىر يۇغۇرغانغا چارچىماس.
شىۋىلەر
تەلەڭگىسىمان يۇمىلاق ياغاچ تاۋاق (بۇنىڭدا خېمىر يۇغۇرغىلىمۇ، ئاش ئۇسقىلىمۇ بولىدۇ)، مەسىلەن:
ئاش قىلدى قاپ - قارا،
ئۆزى ئىچتى بىر چارا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يۇمىلاق، چۆچەكتىن چوڭراق، چوڭقۇر ياغاچ قاچا.
بىر چارا ئاش. بىر چارا ئۇن.