UyghurMain Dictionary
چاپقۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قار، يامغۇر ئارىلاش چىققان قاتتىق بوران؛ شىۋىرغان.
چاپقۇن چىقماق. چاپقۇن بولماق.
كۆچمە. شىددەتلىك، كەسكىن كۈرەش؛ دولقۇن.
ئۆتمەكتە مانا سەندە ياشلىق چېغىم، ئىنقىلاب چاپقۇنىدا بۈركۈت بولۇپ.
قىرغىن.
چاپقۇن قىلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بېسىۋېلىش، بويسۇندۇرۇش، چاپقۇن قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش.