Chinese→UyghurMain Dictionary
长尺
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئۇزۇن قارى
ئۇزۇن قارى (uzun kari) - قەدىمكى قۇجۇدا قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، <قارى> نىڭ يەنە بىر خىل شەكلى. <قارى> - <چى> غا تەڭ كېلىدۇ. <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر> دېگەن كىتابتا <قارى> نى <چى> دەپ؛ <ئۇزۇن قارى> نى <گەز> دەپ ئاتالغان. بۇرۇنقى زامانلاردا بىر گەز 71 سانتىمېترغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق بولغاندا ئۇزۇن قارى 71 سانتمېترغا تەڭ بولغان بولىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قېرى
<تارىخى رەشىدى> دە كۆرسىتىلىشىچە بىر قېرى 64.04 - 72.72 سانتىمېترغا باراۋەر كېلىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئاساسەن ماتا - بۆز ئۆلچەشتە قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن بۇ ئۆلچەم بىرلىكى نامىنىڭ <قارى> نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.