Uyghur←ChineseMain Dictionary
چامغۇر
Domain: ئۇنىۋېرسال(ئى)
wú jīng ,mán jīng 〈zhí 〉
芜菁,蔓菁〈植〉
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
蔓菁
mán jīng
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈگۈنەك يىلتىزى گۆشلۈك بولۇپ، رەڭگى ئاق ياكى قىزىل، شەكلى ياپىلاق، شار شەكلىدە ياكى ئۇزۇنچاق كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك
يىلتىزى كۆكتات قىلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى تار، ئۇزۇن بولۇپ، چوڭ - چوڭ كەمتۈك جايلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، يالپاقلاپ
قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى چېچەكلىگەندە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، بەدەننى
قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ چامغۇر 350 ~ 500 گرام، چامغۇر ئۇرۇقى 5 ~ 15 گرام ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قىچىشقاق ۋە دۆ چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چامغۇرنى تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قارا تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چامغۇرنى خام ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قارا تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى پىشىپ يېتىلگەن چامغۇرنىڭ كۆكىنى تۈۋىدىن كېسىۋېتىپ، يەردە قالغان چامغۇرنىڭ ئۈستىنى قوشۇق بىلەن ئويۇپ،
ئۈستىگە قاچا كۆمتۈرۈپ قويۇپ، ئىككى سوتكىدىن كېيىن چامغۇرنىڭ ئويۇلغان يېرىدە يىغىلغان سۈيىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا
شېكەر قوشۇپ چامغۇر شەربىتى ياساپ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
شەربىتى ئېلىنغان چامغۇرنى يۇلۇپ ئېلىپ، تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق، ھەزىم ناچارلىق ۋە سۈت ئازلىققا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى
مەھەللە
(قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى)
恰麻古尔买里斯
qià má gǔ ěr mǎi lǐ sī
ئۆسۈملۈك,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك,ئۇنىۋېرسال
蔓菁
mán jīngDئۇنىۋېرسال
芜菁
wú jīngDدېھقانچىلىق
卡马古,芜菁
kǎ mǎ gǔ ,wú jīngDدېھقانچىلىق
莞根/芜菁
guǎn gēn /wú jīngDدېھقانچىلىق
芜菁/莞根
wú jīng /guǎn gēnDيېزا ئىگىلىك
芜菁
wú jīng
GetWord Corpus
9卡马古芜菁
卡马古,芜菁
kǎmǎgǔ wújīng9莞根芜菁
莞根/芜菁
guān gēn wújīng9芜菁
芜菁(十字花科)
wújīng9芜菁莞根
芜菁/莞根
wújīng guān gēn
蔓菁
mán jīng
芜菁
wújīng
葜麻古
jié má gǔ
菲
fēi
荛
ráo
须
xū
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.