UyghurMain Dictionary
چالما كېسەك قىلىپ ئولتۇرۇش جازاسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ھۇدۇدلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جازا زىناخورلۇق گۇناھىدىن جازالاشقا قوللىنىلىدۇ. ئەسلىي قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى. بۇ جازانى ئىجرا قىلغاندا جەمەت ئاقساقىلى تۇنجى تاشنى ئاتىدۇ. ئاندىن گۇناھكار ئازگالدا ئۆلگىچە باشقىلار تاش - داڭگال ئاتىدۇ. بۇ جازا ھازىر بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە بىرەبىر يولغا قويۇلىدۇ.