Uyghur←ChineseMain Dictionary
چاي ئىچىش ئۇسۇلى
دۇنيا تارىخى
茶道
chá dào
ياپونىيە مۇروماچى مەزگىللىرى شەكىللەنگەن بىر خىل چاي ئىچىش ئۇسۇلى. جۇڭگونىڭ چاي ئېچىش ئادىتى تاڭ دەۋرىدىلا ياپونىيىگە كىرگەن. مىلادىدىن 972-يىلى (ياپونىيىنىڭ تەينپىڭنىڭ تۇنجى يىلى، تاڭ سۇلالىسى كەييۇەن 17-يىلى )راھىبلارنىڭ ئوردا ئىچىگە كىرىپ چاي تۇتۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى خاتىرىلەنگەن. چاينى ئۆرلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى خاتىرىلەنگەن. چاينى ئۆرلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. كاماكۇرا مەزگىلىدە، سوساي سۇڭ سۇلالىسىدىن چاي دەملەشنى ياپونىيىگە كىرگۈزگەندىلا، چاينى ئۇۋۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە چايخانا بارلىقا كەلگەن. مۇروماچى مەزگىلىدە، مۇراتا تامائاكىرا (1423 - 1502 چاي دەملەش بىلەن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ چاي ئىچىش ئۇسۇلىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلغان. تاكىنو ئاكىئو )1502 - 1555( ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كيوتودا چايخانا تەسىس قىلغان. چىتو شىخىدې زامانىسىغا كەلگەندە كامالەتكە يەتكۈزگەن. تويوتومى خىدېكىچىنىڭ تەشەببۇس بىلەن بىر مەزگىل تازا ئەۋج ئالغان. چىتو شىخدېدىن كېيىن بياۋچيەنجيا، گوچيەنجيا، شياۋلۇچيەنچيادىن ئىبارەت ئۈچ ئېقىمغا ئايرىلىپ كەتكەن. يەنە يابۇئۇچى )1536 - 1627(، كۇداكازۇ )1647 - 1707( قاتارلىقلارمۇ داڭلىق ھېسابلانغان. چاي ئىچىش ئۇسۇلى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، تەربيىلىنشتىكى بىر خىل ئەدەب - قائىدە بولۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربتىكى ئەللەرگە تارقىلىپ، شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارالماقتا.