UyghurMain Dictionary
چاينىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىزدىكى نان، تاماق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى يۇمشاتماق.
چاينىماي يېگەن ئاغرىماي ئۆلەر. چېچەن يىگىت يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چىش بىلەن چىشلەپ ئۇششاقلىماق، ئەزمەك، يۇمشاتماق.
يېمەك.
چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش چاينا (ماقال).
كۆچمە. بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلماق، يامىنىنى ئېيتماق؛ غاجىماق.
بەزىلەر ئادەمنىڭ يۈزىدە گەپ قىلماي، ئارقىسىدىن چاينايدۇ.