Chinese→UyghurMain Dictionary
柴尔德
دۇنيا تارىخى
سىلدې
(1892 - 1957) ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ. ئاۋسترالىيىدىكى سىدنىيدا تۇغۇلغان. سىدنېي داشۆسى ۋە ئوكسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1927 - 1946 - يىللىرى ئېدىنبۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1946 - 1956 - يىللىرى لوندون داشۆ ئارخېئولوگىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى، قوشۇمچە مۇدىربولغان. پۈتۈن ھاياتىنى ياۋرۇپا ۋە يېقىن شەرق رايونىنىڭ تارىخىنى بۇرۇنقى تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، زور تۆھپە ياراتقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ، ئاساسلىقى <ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ياراتقان>، <شوتلاندىيەنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخى>، <ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ نۇرى>، <ياۋرۇپا جەمئىيىتىنىڭ ئېرادىن بۇرۇنقى تارىخى>، <تەرەققىيات ۋە ئارخېئولوگىيە>، <قەدىمكى زامان شەرق تارىخى ئۈستىدىكى يېڭى كەشپىيات> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.