UyghurMain Dictionary
چاي دەرىخى
بىئولوگىيە
چاي دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى نېپىز، تېرىلەشكەن، شەكلى ئېللىپىسسىمان تۆمۈنە شەكىللىكتىن تەتۈر تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكىللىككىچە بولىدۇ، گىرۋىكىدە قىسقا ھەرە چىشى بولىدۇ. گۈلى ئاق، خۇش پۇراق بولۇپ، گۈل سېپى بولىدۇ؛ قولتۇقتىن ئۆسكەن 1 - 4 دانە گۈل مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، گۈل كاسا يوپۇرمىقى ساقلىنىدۇ؛ ئاتىلىقى كۆپ بولۇپ، سىرتقى تەرەپكە تىزىلغان ئاتىلىق يىپلىرى بىرلىشىپ قىسقا نەيچىنى ھاسىل قىلىدۇ. غوزا مېۋىسى تېرىلەشكەن، ياپىلاق ئۈچ بۇرجەك بولۇپ ھەر بىر خانىسىدا بىردىن شار شەكىللىك ئۇرۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ، ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ياپونىيە، نېپال، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇ ھاۋاسى نەم ۋە ئازراق كىسلاتالىق تۇپراقتا ئۆسىدۇ. سايىغا چىداملىق بولىدۇ؛ ئۇرۇقىنى تېرىش، نوتىىسنى كۆمۈش ۋە قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە كوففىئېن بار بولۇپ، چوڭ مېڭە مەركىزىنى قوزغىتىپ نېرۋىنى جانلاندۇرىدۇ. نەپەسلىنىشنى ياخشىلاپ، يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ شۇڭا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئىچىملىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە چاينىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنى ئۈزۈۋېلىپ قىزىل چاي ياكى يېشىل چاي ياسىلىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ مۇھىم ئېكىسپورت قىلىدىغان تاۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاينىڭ يىلتىزى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرىدۇ؛ ئۇرۇق مېيى بىر خىل سىلىقلاشتۇرغۇچى ماي بولۇپ، ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ. چاينىڭ ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزۇن بولغاچقا، ئۆزگەرگەن تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا بەزىدە بىر قانچە ئۆزگەرگەن تۈرىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، دېمىسىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ ئانچە روشەن ئەمەس، ئۆستۈرۈش جەريانىدا چاينىڭ يۇمران نوتىسى بىلەن يۇمران يوپۇرمىقى يىلمۇ يىل ئۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۆسۈملۈك تېنى توپلاشقان ياكى چاتقال ھالەتتە، يوپۇرماق شەكلى كىچىك بولىدۇ، بىراق يېرىم ياۋايى تۈپلىرىنىڭ يوپۇرمىقى ئۇنىڭدىن بىر قانچە ھەسسە چوڭ بولۇپ، بەئەينى ئۆستۈرۈلگەن تۈر بىلەن ئىككىسى ئىككى خىل ئۆسۈملۈكتەك كۆرۈنىدۇ.