UyghurMain Dictionary
چاڭگال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
«چەڭگال» غا قاراڭ.
چاڭگالى غەمزەڭگە رەۋان جانىم قۇشى بولغاي ئەسىر،
كۆزۈڭنى بار ئەتكەن ئارا كىم ھەملەئى بار ئەتكەسەن.
ھفىز خارەزمى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولىنىڭ بارماق _ پەنجىلىرى جايلاشقان ئەزانىڭ ئىچكى تەرىپى.
بۆرىنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ، يولۋاسنىڭ چاڭگىلىغا تۇتۇلدۇم. ۋاقىت ئۇچۇمىڭدا تۇرمايدۇ. سىقىپ سىقىمىنى يالايدىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. پەنجە، چاڭ.
چاڭگال سالماق.
ئى. كۆچمە. زۇلۇم، ئاسارەت، تۇتقۇنلۇق، نەزەربەند، رىجىم؛ ئىسكەنجە.
گۇناھسىز بىر ياشنى ناھەقچىلىك چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاز - تولا تەلۋىلىك قىلسا نېمە بوپتۇ؟
مىق. ساناق سانلار بىلەن قوشۇلۇپ، چاڭگاللىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر چاڭگال كەمپۈت.