UyghurMain Dictionary
چاد مىللىي ئازادلىق فرونتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
چادنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە فرونتى بولۇپ، 1966 - يىلى قۇرۇلدى، قۇراللىق كۈچى بار. ئەرەب تىلىنى چادنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىشنى، ھۆكۈمەتتە مۇسۇلمانلار تېخىمۇ تولۇق ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى، ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزھەپ كۆرىشى تۈپەيلىدىن 1979 - يىلى 3 - ئايدا ئۈچ تەرەپ قۇراللىق كۈچ بىلەن بۆلۈنۈپ كەتتى. كېيىن بۇ ئۈچ تەرەپ گاھ بىرلىشىپ، گاھ ئۇرۇشۇپ، چاد جەمئىيىتىنى ئۇزۇنغىچە قالايمىقان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.