UyghurMain Dictionary
چاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ساندۇقسىمان، كۆپ تارلىق، ئىككى تال چوكا بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋابى.
چاڭ چالماق.* چاڭچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
توزان.
چاڭ كۆتۈرۈلمەك.* چاڭ باسماق.* چاڭ توزىماق.* يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس ( ماقال ).
سۈرتمەڭ ئەينەكتىن چاڭنى ھەر نۆۋەت،
روشەن كۆرۈنەر ئەينەكتە سۈرەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
چاڭگال، پەنجە.
چاڭ سالماق.* سار چۈجىگە چاڭ سالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز
قاتتىق ئۇرۇشتىن چىققان ئاۋاز
ئانسى بالىسىنى « چاڭ » قىلىپ بىر كاچات سالدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇششاق، كۈكۈن ھالەتتىكى توپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر.
ياخشى ئاتتىن چاڭ چىقماس. ئالماسنىڭ جۇلاسىنى توزان توسالماس. شامال چىقمىسا توزۇندى چىقماس.
شىۋىلەر
چاڭگال، قول. مەسىلەن: كىشىنىڭ ھەققىغە چاڭ سالماق؛ سار چۈجىگە چاڭ سالدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاڭ.
چالغۇ ئەسۋابى.
3 - 487
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ قەدىمكى چەكمە چالغۇلار تۈرىگە تەۋە بولۇپ، خىلمۇ خىل شەكىلدىكى مۇزىكىلار، بولۇپمۇ شاد - خۇرام ھېسسىياتقا ئىگە ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى. ئۇ جۈپ قول بىلەن ئىككى تال چۇكا تاياق ئارقىلىق تارغا ئۇرۇپ - سوقۇپ چېلىنىدىغان بىر خىل چالغۇ بولۇپ، بەزىدە ئالاھىدە ھېسسىيات تەلىپىگە بىنائەن سول قول بارماقلىرى تارنى چېكىپ بېسىپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قالۇنسىمان تېيىلما ئاھاڭ شەكلىدىكى تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، مۇزىكىنىڭ يېقىملىقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكىس سادا ساندۇقى قالۇنىغا ئوخشاش كەڭ، ياپىلاق بولۇپ، ئالدى تار، كەينى كەڭرەك، ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ قوش پازىلىق (چوڭراق)، يالغۇز پازىلىق (كىچىكرەك) ئىككى خىل نۇسخىسى بار. ئادەتتە ئۈچ ياكى تۆت پولات سىمى بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، بىرلا ئاھاڭغا تەڭشىلىدۇ. چاڭنىڭ دەسلەپتە 2 - 3 گۇرۇپپا ئاۋازلىق شەكىللىرى بولغان. ھازىر يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغانلىرى تۆت گۇرۇپپىدىن ئاشىدۇ.
چاڭنىڭ تەڭشىلىشى يەتتە ئاھاڭلىق تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى تەرتىپى بويىچە ئۈچ ياكى تۆت قۇر تىزىلغان ھالەتتە بولىدۇ. ئۇ جازىغا ياكى يەرگە تۈز ياتقۇزۇلۇپ، بامبۇكتىن ياسالغان بىر جۈپ چوكا بىلەن چېلىنىدۇ. چوكىنىڭ ئۇچىغا رېزىنكە ياكى كىگىز قويۇلغان بولۇپ، ئاۋازى جاراڭلىق، تولۇق سادالىق بولىدۇ.
چالغۇلار
چاڭنىڭ قىياپىتى قانات قېقىپ تۇرغان كېپىنەككە ئوخشايدۇ. مۇزىكانت ئىككى تال ئىنچىكە چوكا بىلەن چالغۇ ئۈستىگە قاتار تارتىلغان پولات سىملارنى ئۇرسا »تاراڭ - تۇرۇڭ« قىلغان مۇزىكىلىق ئاۋازلار ياڭرايدۇ. تېز سۈرئەتلىك مۇزىكىلارنى ئورۇندىغاندا چاڭنىڭ يەڭگىل ۋە شوخ ساداسى ھاۋادا خۇددى كېپىنەكتەك پەرۋاز قىلىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر ئۇنى »كېپىنەك چالغۇ« دەپمۇ ئاتايدۇ.
چاڭ ئەرەبىستان ۋە پىرسىيە تەرەپلەردىن كەلگەن. تەخمىنەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى سودىگەرلەر ئۇنى يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەن. ئەينى زاماندا ئۇ »ياڭچىن« (چەت ئەل چالغۇسى − ت) دەپ ئاتالغان. بۇ خىل چالغۇ چېلىشقا ئەپلىك، ئاۋازى گۈزەل ۋە يېقىملىق بولغانلىقتىن ناھايىتى تېزلا ئەتراپقا تارقالغان. خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا ئىسلاھ قىلىشى ئارقىلىق چاڭ شەكىل، قۇرۇلما، سىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە چېلىش تېخنىكىسى جەھەتتە يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ خەلق چالغۇسىغا ئايلانغان.
چاڭ ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز شەكىللىرىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا خېلى تېز سۈرئەتتە چالالايدۇ، تۈرلۈك كەيپىياتلارنىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، نەي، ئېرخۇ قاتارلىق چالغۇلارغا يالغۇز تەڭكەش قىلالايدۇ. ئۇ يەنە كوللېكتىپ مۇزىكىلاردا دىرىژورلۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. چاڭ چېلىۋاتقان مۇزىكانت چاڭنىڭ تاختىسىغا »تاق - تاق« قىلىپ ئىككىنى ئۇرۇشى بىلەنلا، باشقا مۇزىكانتلار مۇزىكىنىڭ سۈرئىتىدىن خەۋەر تېپىپ، رىتىمغا ئۆزلۈكىدىن ماسلىشالايدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇڭغۇراق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە قاتتىق تېگىشىدىن چىققان قاتتىق ئاۋاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەر ئۈستىگە يېپىشىۋالغان ياكى ھاۋاغا ئارىلىشىپ، ئۇچۇپ يۈرىدىغان يۇمشاق توپا ياكى شۇ خىل توپا ھالىتىدىكى ئۇششاق زەرىچىلەر؛ توزان.
چاڭ باسماق. چاڭ توزىماق.
<بوت> گۈلنىڭ چاڭدېنىدىكى تالقانسىمان دانىچىلەر، كۆپچىلىكىنىڭ رەڭگى سېرىق، بەزىلىرىنىڭ يېشىل ياكى قارا كېلىدۇ، ھەربىر دانچىسىنىڭ ئىچىدە بىردىن جىنسىي ھۈجەيرە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پەنجە؛ چاڭگال، قول.
چاڭ سالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
شەكلى ساندۇققا ئوخشايدىغان، ئۈستىگە نۇرغۇن سىم تارلار تارتىلغان، ئىككى تال چوكا بىلەن ئۇرۇپ چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئاشلىغان تېرىنى قىرىش - ئەيلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئالدى قىڭراققا ئوخشاش، تىغىنىڭ ئارقىسىغا ھىلال ئاي شەكلىدە ياغاچتىن مەيدە تىرىكى ئورنىتىلغان سايمان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مەملىكىتىمىزدىكى بىر قەدىمىي مىللەت. ئەسلىدە چىڭخەيگە مەركەزلىشىپ، جەنۇبتا سىچۈەن، غەربىي شىمالدا شىنجاڭغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گەنسۇغا كۆچكەن. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىگە(مىلادىيە 384 - 417 - يىللار) كەلگەندە جىن دۆلىتىنى قۇرغان.