Chinese→UyghurMain Dictionary
侧线
نىفىت ئايرىش
cè xiàn
يان لىنىيەDئۇنىۋېرسال
cè xiàn
يان لىنىيە، يان سىزىق
بىئولوگىيە
يان سىزىق
<يان يول> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تېنىنىڭ ئىككى يان يۈزىدىكى تۈز سىزىق شەكلىدىكى تۈزۈلۈش. ئوخشىمىغان ھايۋانلاردىكى يان سىزىقنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئاسكارىدا قاتارلىق يىپسىمان ھايۋانلارنىڭ ئېپىتېلىيىسى ئىككى يېنىدا قۇرت تېنىنىڭ ئالدى - كەينى ئوقىنى بويلاپ ئىچىگە قېلىنلاپ بارىدۇ. ئىككى تال ئۇزۇنغا جايلاشقان چىقىرىۋېتىش نەيچىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شۇ يەردىن ئۆتىدۇ. بەدەن سىرتىدا ئىپادىلەنگەن كۆرۈنەرلىك ئاق يىپسىمان تۈزۈلۈش بولسا، يان سىزىق دېيىلىدۇ. بېلىقلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر خىل ئالاھىدە سېزىش ئورگىنى بولۇپ، تەڭگىچىلەرنى تېشىپ ئۆتۈپ سىرتقا تۇتاشقان، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تەڭگىچىلەرگە ئېچىلغان تۆشۈكلىرى تىزىلىپ قۇر ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇمۇ يان سىزىق دېيىلىدۇ. ئۇ، تۆۋەن چاستوتىلىق تەۋرىنىشلەرنى ئاڭقىرالمايدۇ، سۇ دولقۇنىنىڭ كىنېتىك ھالىتىگە ۋە سۇ ئېقىمى يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلىش رولىغا ئىگە. بەزى بېلىقلارنىڭ يان سىزىقى بىر قۇر بولىدۇ. مەسىلەن، كارپ بېلىقى؛ بەزى بېلىقلارنىڭ ھەر بىر يېنىدا بىر نەچچە قۇردىن يان سىزىقى بولىدۇ. مەسىلەن، سېتا بېلىقى؛ بەزى بېلىقلارنىڭ يان سىزىقى بولمايدۇ. مەسىلەن، خىلسا بېلىقى. قوش ماكانلىقلاردىن سۇدا ياشايدىغان تىپلىرى ھەمدە قۇمچاق قاتارلىقلارنىڭمۇ يان سىزىقى بولىدۇ.