Chinese→UyghurMain Dictionary
竹精舍
دۇنيا تارىخى
بامبۇكزارلىقتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى
سانسكرىتچە Venu vana vihara نىڭ مەنە تەرجىمىسى. تولۇق ئاتىلىشى <كاراندا بامبۇكزارلىقى>. قەدىمكى ھىندىستاندىكى دەسلەپكى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. راجا گرىخا شەھىرى بىلەن يۇقىرى ماۋ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ يەر ئەسلىدە كالانداكا مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئىلكىدىكى بامبۇكزارلىق بولۇپ، ئۇلار پانىي دۇنياغا قايتقاندىن كېيىن، <بۇ يەردە باشقىلارنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىكەن>(. يەنە بىر ئېيتىلىشتا، بۇ بامبۇكزارلىق ماگادخا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بىمبسارا تەرىپىدىن نەزىر قىلىنغانىكەن. ئادەتتە، بامبۇڭزارلىقنى مۆتىۋەرلەر نەزىر ىلغان، بۇددا ئىبادەتخانىسىنى بولسا پادىشاھ سالدۇرغان، ساكيامۇنى بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرغان، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ سراۋاستى شەھىرىدىكى جېتاۋاناۋىخارا بىلەن قوشۇلۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ئىبادەتخانىسى، دەپ قارىلىپ، بۇددا دىنىنىڭ دەسلەپكى پائالىيىتىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان.
Rate this entry