UyghurMain Dictionary
بىئوخىمىيە
بىئولوگىيە
خىمىيە ۋە باشقا ئاساسىي پەنلەرنىڭ قانۇن ۋە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ھاياتلىق ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەتراپ پەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى: بىر تەرەپتىن جانلىقلار تېنىنى تۈزگۈچى ماددىلار، بولۇپمۇ قەنت، ماي، ئاقسىل، نۇكلېئىن كىسلاتاسى قاتارلىق بىئولوگىيىلىك يۇقىرى مولېكۇلىلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرىقى تۆت چوڭ بىئولوگىيىلىك يۇقىرى مولېكۇلىلارنىڭ بىئولوگىيىلىك كاتالىزاتور ئېنىزىمىنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا بىرىكتۈرۈش ۋە پارچىلىنىشنى، يەنى مېتابولىزم قانۇنىيىتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جانلىقلارنىڭ ئۆسۈش، يېتىلىش، ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشى، ھەرىكىتى قاتارلىق ھەر خىل ھاياتلىق ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەپ، ھاياتلىق ھەرىكىتىنىى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتىش. بىئوخىمىيە يېقىنقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تەجرىبە ۋاستىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تەجرىبە ۋاستىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ، بىئولوگىيىنىڭ ئاساسىي پەنلىرىدىن سىتولوگىيە، گېنېتىكا ۋە فىزىئولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، بىئولوگىيىدىكى نۇرغۇنلىغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بەلكى فىزىكا ۋە خىمىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ھازىر بىئو خىمىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى داۋالاش، دورىگەرلىك، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق جەھەتلەردە بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. بىئوخىمىيە نۇرغۇنلىغان تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنى تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى بويىچە بۆلگەندە، ئۆسۈملۈكلەر بىئوخىمىيىسى، ھايۋانلار بىئوخىمىيىسى، مىكرو ئورگانىزملار بىئوخىىمىيسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ، تەتقىق قىلىش ساھەسى بويىچە بۆلگەندە ئانئورگانىك بىئوخىمىيە ۋە ئورگانىك بىئو خىمىيىگە بۆلۈنىدۇ. ئومۇمەن، بىئوخىمىيە ھەر قايسى پەنلەر، بولۇپمۇ بىئولوگىيىنىڭ ھەر قايسى تارماق پەنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
جانلىقلارنى خىمىيىلىك نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تەتقىق قىلىدىغان ئارىلىق پەن.