Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىئوندو
Domain: دۇنيا تارىخى比昂多
bǐ áng duō
(1392 - 1463) ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋردكى ئىتالىيىنىڭ تارىخچىسى. فورلىدا (ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا) تۇغۇلغان. 1423 - 1432-يىللىرى ۋېنېتسىيىگە كېلىپ ياشىغان. كېيىن رىمغا بېرىپ پاپانىڭ كاتىپى بولغان. مۇھىم ئەسىرى <رىمنىڭ خارابلاشقاندىن بۇيانقى مىڭ يىللىق تارىخى> بولۇپ، جەمئىي 31 توم، مىلادى 410-يىلقى غەربىي گوت پادىشاھى ئالارىخنىڭ رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ۋاقتىدىن باشلىنىپ، 1440-يىلغىچە بولغان ۋەقەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تارىخىي ماتېرىياللارنى پەرق ئېتىشكە، ئېنىقلاشقا پىششىق، ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنىشى تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي يېزىلغان. ئۇ، مىلادى Ⅴ ئەسىردىن ⅩⅤ ئەسىرگىچە بولغان مىڭ يىلنى بىر ئايرىم تارىخىي باسقۇچ دەپ قارىغان. يەنى يۇنان، رىم كلاسسىك مەدەنىيىتى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋر ئاىرلىقىدىكى مەزگىلنى <ئوتتۇرا ئەسىرلەر> دەپ ئاتىغان. بۇ ئاتالغۇ بۈگۈنكى قەدەر داۋاملىق قوللىنىپ كېلىنمەكتە.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى比翁多
bǐ wēng duō
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.