UyghurMain Dictionary
بىئولوگىيىلىك ئېنىقلاش
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىلىك ئېنىقلاشتا تىرىك ئىندىۋىد (ھايۋان ياكى مىكرو ئورگانىزم) ھەمدە ئالاھىدە بولغان بەزى تىرىك توقۇلمىلار تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىنىدۇ، ئۇ تەكشۈرۈلىدىغان ماددىغا تېگىشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى (مەسىلەن، ئۆسۈش ئەھۋالى، ئۆلۈشى، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسى، قىزىش، تارتىشىپ قېلىش، قان بېسىمى قاتارلىق) گە ئاساسلىنىشنى ھۆكۈم قىلىش كۆرسەتكۈچى قىلىش ۋە ئەۋرىشكىنىڭ قىممىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئېنىقلايدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، تۆۋەندىكىلدەك بىر قانچە خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئەۋرىشكىنىڭ قىممىتىنى ئېنىقلاش. (2) زىيادە سەزگۈر ماددىلارنى ئېنىقلاش. (3) ئىسسىقلىق مەنبەسىنى ئېنىقلاش. (4) زەھەرلىكلىكنى ئېنىقلاش قاتارلىقلار. يۇقىرقى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، بەزى بىرىكمىلەرنىڭ قىممىتى ئېنىقلىىدۇ، بولۇپمۇ كلىنىكىدا بىر خىل دورىنى ئىشلىتىلىش ئىلگىرى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كەم بولسا بولمايدىغان جەريان بوۇپ، ھەر قانداق ئۇسۇل ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.