Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىئافرا ئۇرۇشى
Domain: دۇنيا تارىخى比夫拉战争
bǐ fū lā zhàn zhēng
نېگىرىيە ئىچكى ئۇرۇشى، بىئافرا ئەسلىدە نېگىرىيىنىڭ شەرقىي رايونى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى مول، ئاھالىسى ئاساسەن، ئىبو مىللىتى، 1967-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، شەرقىي رايوندىكى ئىبولار ئوفىتسېرلىرى نېگىرىيە فېدېراتىپىدىن ئايرىلىپ، <بىئافرا جۇمھۇرىيىتى> نى قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، خائۇسلار كونترللۇقىدىكى مەركىزي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغان. 7-ئايدا گوۋون باشچىلىقىدىكى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 10-ئايدا، <بىئافرا جۇمھۇرىيىتى> نىڭ پايتەختىنى ئىگىلەپ، 1968-يىلى شەرقتىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى تىزگىلنەپ، 1970-يىلى بىئافرا قوشۇنى تەسلىم بولۇپ، نېگىرىيە يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.