Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىخېۋىئوزم
پسىخولوگىيە
行为主义
xíng wéi zhǔ yì
ئادەمگە مىخانىك نۇقتىئنەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىر خىل نەزەرىيە ۋە ئېكسپېرمېنتچىلىكتىن ئىبارەت.
بىخېۋىئورىزمچىلار ( بۇ ئىنگىلىزچە ھەرىكەت دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان ئاتالغۇ ) XX ئەسىرنىڭ 20 _ يىللىرى ئامېرىكىدا پەيدا بولغان، ئۇلار، پىسخولوگىيە ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەبىئىي پەن؛ ھەرىكەت بولسا « تەسىر _ رېئاكسيە » دىن ئىبارەت؛ ئاڭنى بىۋاستە كۈزەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى پىسخولوگىيىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغىلى بولمايدۇ، سۇبيېكتىپ تەركىبى بار ئۇقۇملارنى چۆرىۋېتىپ، سەزگۈنى « پەرق ئېتىش رېئاكسىيىسى »، ھېسياتنى « ئىچكى ئورگانلار رېئاكسىيىسى»، تەپەككۇرنى « تاۋۇشسىز تىل» دېيىش كېرەك،دەپ قارايدۇ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان بىخېۋىئورىزمچىلار ئامېرىكىدا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ يېڭى بىخېۋىئورىزمچىلاردا پەيدا بولدى. بۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تولمان تەسىر بىلەن رېئاكسيە ئارىسىغا بىلىش، ئۈمىد، مەقسەت قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئارىلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدار ( تەسىر ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىدىغان مىقدار، رېئاكسىيە سەۋەپ بىلەن ئۆزگىرىدىغان مىقدار ) قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلاردىن سىكننېر ئارىلىق ئۆزگىرىدىغان مىقدارنى ئالمايدۇ. ھەر قانداق ئىچكى ئامىل نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئورگانىزمنىڭ مۇھىتنى « ئىدارە قىلىش » نىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. ئەمما خىلل ئۇسۇل بىلەن ئېيتشىپ « كۆزىتىش _ ئىندۇكسيون » ئۇسۇلنى قوللىنىپ، پىسخولوگىيىنى گېئومېترغا يېقىن دېدۇكسىيون پەنگە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ.
بىخېۋىئورىزمچىلارنىڭ مېتودولوگىيىسى تار بولۇپ، ئۇلار ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئىنسانلارنىڭ ئېڭى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ.