Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇخارېست كومىتېتى
Domain: دۇنيا تارىخى布加勒斯特委员会
bù jiā lè sī tè wěi yuán huì
1853-يىلى رومىنىيىدە تۇرۇۋاتقان بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرى قۇرغان مىللىي ھەرىكەت تەشكىلاتى. 3185 - 1868-يىللىرى بۇلغارىيە بۇرژۇئا مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1862-يىلى نامىنى ئەخلاق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەترىتىگە ئۆزگەرتكەن. گېئورگىيېۋ، پالالېت قاتارلىق كىشىلەر رەھبەرلىك قىلغان. كۈچلۈك دۆلەتلەرگە، ئالدى بىلەن روسىيىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، بۇلغارىيىنى تۈركىيىنىڭ زۇلۇم ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېربىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇلغارىيە بىلەن سېربىيىنىڭ بىرلىشىپ يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. 1868-يىلى بۇلغارىيە ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە مۇراجىئەت قىلغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىچكى ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن تارقىلىپ كەتكەن. بىر بۆلۈك ئەزالىرى بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتىغا قاتناشقان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.