UyghurMain Dictionary
بۇۋى خەدىچە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(555 - 620)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى، قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئابدۇ ئۇززا جەمەتىدىن دۇنياغا كەلدى. دادىسى فەزار جېڭىدە ۋاپات بولغان. بۇرۇنقى ئىككى ئېرى سودىگەرچىلىك قىلغان. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۈۋى خەدىچە ئۆزى سودىگەرچىلىك قىلدى. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياللىۋېلىپ سودىگەرچىلىككە سالدى. 40 ياشقا كىرگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن نىكاھلاندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تەرغىب قىلىشنى باشلىغاندا، بۈۋى خەدىچە ئىسلام دىنىغا ھەممىدىن بۇرۇن ئېتىقاد قىلدى ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتلەردىن قوللاپ، <مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى> دەپ تەرىپلەندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن نىكاھلانغاندىن كېيىن تۆت قىز، ئىككى ئوغۇل تۇغدى. ئىككى ئوغۇل كىچىك تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى. ھەدىستىكى بۈۋى خەدىچە بىلەن قىزى بۈۋى فاتىمە، بۈۋى مەريەم ۋە بۈۋى ئاسىيەلەر ئەڭ مۇكەممەل ئايال زاتلىرى، جەننەتىكى ئاياللارنىڭ داھىيلىرى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. بۈۋى خەدىچە مەككىدە ئالەمدىن ئۆتتى.