UyghurMain Dictionary
بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەت بېگى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە شوگناتلىقىدىكى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرغۇچى مەمۇرىي مەنسەپ، بۇتخانا - بۇددا دىنى بۇتخانىسىنى، دىنىي جەمئىيەت - ئىلاھىي جەمئىيەتنى كۆرسىتىدۇ. كاماكۇرا دەۋرىدە تەسىس قىلغان. ئاساسەن، بارگاھقا بىۋسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەتلىرىنى نازارەت قىلغان. دەسلىپىدە مەمۇرىيەت قارمىقىدىكى دائىملىق بولمىغان مەنسەپ بولغان؛ تىسۇرۇئوكاياخاتا ئوردىسى ۋە ئېفۇكۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلاردىمۇ بۇ مەنسەپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە روكوخارادىكى تاندانىڭ قول ئاستىدىمۇ بۇ مەنسەپ تەسىس قىلىنىپ، پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدكى رايونلارنىڭ بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەتلىرىنى باشقۇرغان. مۇروماچى دەۋرىدە بۇ تۈزۈم داۋاملاشۇرۇلۇپ، كېيىن بۇتخانا بېگى، دىنىي جەمئىيەت بېگى دەپ ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسلىق بۇتخانا ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرغان. 1635-يىلى بۇتخانا ۋە چېركاۋ بېگى تەسىس قىلىنىپ، بارگاھ ۋەزىرى ئۇنىڭغا تەيىنلەنگەن. بىرىنچى باشلىقلىققا بولسا پېشقەدەم ۋەزىر سائى ئوكتىنا تەيىنلەنگەن. تۆت كىشىدىن تەركىب تېپىپ، بىۋاسىتە سىياگۇنغا قارىغان. ئورنى بازار بېگى، ئەرز - دەۋا بېگىدىن يۇقىرى بولغان. بۇتخانا ۋە چېركاۋ ھەمدە بۇلارغا قاراشلىق بولغان جايلارنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە، راھىب - راھىبە، دىنىي ئەمەلدار، مۇزىكانت، شاھماتخانا قاتارلىقلارنى نازارەت قىلغان ھەمدە كانتونىڭ سىرتىدىكى ۋە خاتا موتو زېمىنلىرىدىكى ئەرز - دەۋا ئىشلىرىغا ھۆكۈم قىلغان، قوشۇمچە ئەدلىيە ئورگىنى خاراكتېرىگىمۇ ئىگە بولغان.