UyghurMain Dictionary
بۇس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بۇسە نىڭ قىسقارتىلمىسى؛«بۇسە» گە قاراڭ.
كېچە - كۈندۈز خەيالىم ئاستان بۇسىنى قىلماغىلىق،
ۋىسالى دەۋلەتىن تاپماققە سەگلەر سانى راھىمدۇر.
گۇمنام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆيۈش، ئۆپۈش، پاي بوس - ئاياق ئۆپۈش، سۆيۈش. كۆچمە مەنىسى: ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: بۇلار ھەر قايسىسىدۇر بىر بىرىگە تاۋۇش، قاچان قىلغان ئۇلار بىر بىرىنى پابوس. (خىرقىتى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن كۆتۈرۈلگەن گاز نەرسە.
<ئۇلاي> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھور نان. ھورى كېتىپ، شورى قاپتۇ. بۇسىنى چىقارماي ئىشنى پۈتتۈرۈپتۇ. ئاشپەز بۇغ بىلەن سەمىرەر. پار مۇنچا يۇيۇنۇشقا پايدىلىق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇس، تۇمان.
كۆك بۇس بولدى _ بۇستىن ئاسمان قاراڭغۇلاشتى. شۇنىڭدەك، ئەر كۆزى بۇس بولدى _ ئادەمنىڭ كۆزى قاراڭغۇلاشتى، يەنى قورساقتا پەيدا بولغان يەلدىن ئادەمنىڭ كۆزى قاراڭغۇلاشتى.
3 - 171
بىئولوگىيە
قايغۇرماق، ھەسرەت چەكمەك
بىئولوگىيە
مۆكمەك؛ يوشۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسە - كېرەكلەردىن، ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ تىنىقىدىن چىققان سېسىق ئاچچىق پۇراق؛ ھىد.
ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس (ماقال).
پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن چىققان ھور.
تونۇرنىڭ بىر تەرىپىدىن بۇس چىقىپ تۇراتتى.