Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇرنس
Domain: دۇنيا تارىخى彭斯
péng sī
(1759 - 1796)، شوتلاندىيىلىك شائىر. شوتلاندىيىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىشكەن. شوتلاندىيە خەلق قوشاقلىرى ۋە قەدىمكى رىۋايەتلەر بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، شوتلاندىيە خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ رەتلىگەن. 6178-يىلى شوتلاندىيە شىۋېسىدىكى شېئىرلىرىنى نەشر قىلدۇرغان. <ئەركىنلىك دەرىخى> دېگەن شېئىرىدا فرانسىيىنىڭ بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنى مەدھىيىلىگەن. <شوتلاندىيىلىك> دېگەن شېئىرىدا ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان شوتلاندىيىلىك قەھرىمانغا مەدھىيە ئوقۇپ، خەلقنى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. <ئاۋېللېي پوپنىڭ دۇئاسى> ۋە <ئىككى ئىت> دېگەن شېئىرلىرىدا چېركاۋنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ نومۇسسىزلىقى مەسخىرە قىلىنغان. بەزى لىرىك شېئىرلىرىدا ساپ مۇھەببەت ۋە گۈزەل تەبىئەت كۈيلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق تەرىپىدىن چوڭقۇر قارشى ئېلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.