UyghurMain Dictionary
بۇرمۇنت
دۇنيا تارىخى
(1773 - 1846) فرانسىيە مارشالى، ئالجىرىيە يىراققا يۈرۈش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. فرانسىيە زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە سەرگەردان بولۇپ ئەنگلىيىگە كەلگەن. 1795-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، ۋاندېيە ۋىلايىتىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1800-يىلى ناپولېئوننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1814-يىلى گېنېرال مايورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن. ۋاتېرلوئو ئۇرۇشىدىن تۆت كۈن بۇرۇن لۇئى ⅩⅧ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. 1829-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1830-يىلى 6-ئايدا فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى باشلاپ ئالجىرىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالجىرىيىنىڭ ھۆكۈمرانى ھۈسەيىننى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. 8-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.