UyghurMain Dictionary
بۇرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشقا تەرەپكە قاراتماق، قايرىماق، ئەگمەك.
ئادىل بېشىنى يېرىم بۇراپ قادىرغا بىر قاراپ قويدى.
ئايلاندۇرماق، تولغىماق.
سائەتنى بۇرىماق، گايكىنى بۇرىماق
ھەرىكەت يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتمەك.
ئۇ ماشىنىنى ئوڭغا بۇراپ، ئۇچقاندەك ھەيدىدى.
كۆچمە. يۆنەلدۈرمەك، قاراتماق.
مەركىزىي كومىتېتنىڭ چاقىرىقى بويىچە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا بۇرىدۇ.
كۆچمە. كۆچۈرمەك، يۆتكىمەك (گەپ - سۆزنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە).
ئايالىم مېنىڭ راستتىن ئاچچىقلانغانلىقىمنى كۆرۈپ، گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.