Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇركې
دۇنيا تارىخى
伯克
bó kè
(1729 - 1797) ئەنگلىيە تارىخ پەيلاسوپى ۋە سىياسىي ئوبزورچىسى. دۇبلىن 1-مارت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1758-يىلى <دەۋر> ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 1766-يىلى تۆۋەن پالاتاغا قاتنىشىپ، ۋىگلار پارتىيىسىنىڭ مۇھىم ئەربابى بولۇپ قالغان. پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشكە قارشى تۇرغان، شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكلىرىنى يۇمشاق ۋاسىتە بىلەن بېقىندۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ سودا ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى ئادالەتسىز ھەرىكىتىگە ھۇجۇم قىلغان. كېيىن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغانلىقتىن ۋىگلار پارتىيىسىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ <فرانسىيە ئىنقىلابىدىن ئەسلىمە>، <شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكلىرى باج تۈزۈمى توغرىسىدا> ۋە <مۇستەملىكلىەر بىلەن يارىشىش توغرىسىدا> ناملىق ئەسەرلىرى بار.