Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇرجۇن
بىئولوگىيە
女贞
nǚzhēn
كەركىدانگۈل ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بۇ دائىم يېشىل تۇرىدىغان چوڭ چاتقال ياكى دەرەخ بولۇپ، شېخى يېيىلىپ ئۆسىدۇ، پوستى سىلىق، قوۋزاق تۆشۈكى ئېنىق بولىدۇ. يوپۇرماق ئالىقىنى تۇخۇم شەكىللىكتىن تۇخۇمسىمان تۆمۈمە شەكىللىككىچە، گىرۋىكى تولۇق، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى قىسمى كەڭ شىنا شەكىللىك ياكى يۇمىلاق، تېرىلەشكەن ھەم چۈرۈك بولىدۇ. كۇنۇسسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ، گۈلى ئاق، گۈل سېپى يوق دېيەرلىك، گۈل نەيچىسى بىلەن گۈل كاسىسى ۋە ئاتىلىق بىلەن گۈلتاجى ياپراقچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەڭ. ئۈچكىلىك مېۋىسى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ رەڭگى پىشقاندا قارامتۇل كۆككە ئايلىنىدۇ. بۇ تۈر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھويلا - ئارام دەرىخى ۋە چىتلاق كۆچەت ماتېرىيالى قىلىنىدۇ، ياكى بۇنى سېرىنگۈل ۋە كەركىدانگۈلگە ئۇلاق ئاستى قىلىشقا، ئاق موم قۇرتىنى بېقىشقا بولىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى پۇختا بولۇپ، نەپس ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ مېۋە شاخ، يوپۇرماق ۋە قوۋزىقى بەلغەمنى بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىدۇ؛ ئۇرۇق مېيى سوپۇن ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ ياكى سىلىقلىغۇچى ماي قىلىنىدۇ، ئۇرۇقى تەركىبىدىكى كراخمالدىن ھاراق ئېچىتىلىدۇ؛ گۈلدىن خۇش پۇراق ماي ئاجرىتىپ ئېلىنىدۇ. بۇرجۇننى ئۇرۇقى ئارقىلىقمۇ، قەلەمچە تىكىش ئارقىلىقمۇ كۆپەيتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئىنتايىن تىز.
ئۆسۈملۈك,ئورمانچىلىق,ئۇنىۋېرسال
女贞
nǚ zhēnDتېببىي
بۇرجۇن (كەركىدانگۈل ئائىلىسىدىكى بۇرجۇننىڭ مېۋىسى )
女贞子
nǚ zhēn zǐDئورمانچىلىق
蜡树
là shù