Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇرىي
دۇنيا تارىخى
塞
sāi
(1861 - 1927) ئەنگلىيە تارىخشۇناسى. دۇبلىن 1-مارت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1893-يىلى ئانا مەكتىپىنىڭ تەكلىپى بىلەن يېقىنقى زامان تارىخى پروفېسسورى بولغان. 1898-يىلى پادىشاھلىق يۇنان تىلى پروفېسسورى بولغان. 1902-يىلى پادىشاھلىق كىمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى زامان تاىرخى پروفېسسورى بولغان. ئاساسەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى ۋە ۋىزانتىيە تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۇدالىقىنى تەكىتلەپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ داۋامى دەپ قارىغان. 1889-يىلى <كېيىنكى دەۋردىكى رىم ئىمپېرىيىسى تارىخى> ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1896 - 9001-يىللىرى گىببوننىڭ داڭلىق ئەسىرى <رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋال تېپىش تارىخى> نى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە تەپسىلىي ئىزاھلاپ چىققان. بۇ، ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن مۇقىم نۇسخا بولۇپ كەلمەكتە. كۆپ توملۇق <كىمبىرىج قەدىمكى زامان تارىخى> ۋە <كىمبىرىج ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى> نىڭ مەسئۇل باش تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ يەنە <ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تارىخى>، <يۇنان تارىخى>، <قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخشۇناسلىرى>، <ئىدېئولوگىيە ئەركىنلىكى تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.