UyghurMain Dictionary
بۇراق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەت پەيغەمبەر مىراج كېچىسى ئاسمانغا چىققاندا مىنگەن ئات؛ چاپقۇر ئات:
ياش فەرزەندىن يۈگۈرتۈپ يۈز سارى ھەردەم كۆزۈم،
چۈن سېنىڭ ئىزىڭنى تايماي چاپتۇرۇپ گۇلگۇن بۇراق.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دىنى قاراش بويىچە، مۇھەممەت پەيغەمبەر ئاسمانغا چىققان كېچىسى مىنگەن ئات.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېچىسى سەپەر قىلىپ مىئرجغا چىققاندا مىنگەن جانىۋار. تەپسىر قىلىنىشىچە، ئۇ خېچىردىن كىچىك، ئېشەكتىن چوڭ بولۇپ، بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى، توزنىڭكىدەك قۇيرۇقى، ساھىبجامالنىڭكىدەك بېشى بار، بەدىنى ئاق بايتال ئىكەن. ئېروسالىمدىكى يەھۇدىيلارنىڭ «ھازا تېمى» نى مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇراققا مىنىپ مىئرجغا كۆتۈرۈلگەن جاي، دەپ قارايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
رەتكە ئۆتمىگەن، يارامسىز.
بۇراق تېرە. بۇراق مال. بۇراق پاقلاق.