Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇنىن
Domain: دۇنيا تارىخى蒲宁
pú níng
(1870-1953). روسىيەلىك يازغۇچى. ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كوررېكتور، كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچىسى بولغان. 1887-يىلى شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 90-يىللاردىن باشلاپ ھېكايە ئىجادىيىتىدە كۈچ سەرپ قىلغان. ئەسەرلىرىدىن <يېزا>ناملىق پوۋېستى، <قېرىنداش>، <سانفرانسىسكودىن كەلگەن مۆتىۋەر>قاتارلىق ھېكايىلىرىدە كاپىتالىزمنىڭ دېقانلارغا ئېلىپ كەلگەن بالايىئاپىتىنى ئېچىپ تاشلىغان، ئەمما پومېشچىكلارنىڭ قورۇق تۇرمۇشىغا بولغان قىيالماسلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. 1933-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پارىژدا ئۆلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.