Chinese→UyghurMain Dictionary
布洛克
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bù luò kè
بۇلوكDئىستېتىكا
bù luò kè
بلوك (شۋېتسارىيىلىك)
布洛克〈冈、独联体、澳〉
bù luò kè
بۇلوك
دۇنيا تارىخى
بلوك
(1) جېئان رىچاد بولك (1884 - 1947). فرانسىيە يازغۇچىسى، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىىىڭ ئەزاسى. ياش ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1910-يىلى <ئەركىن كۈچلەر( ژۇرنىلىنى نەشر قىلغان. 20-يىللاردا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلغان. 30-يىللاردا فاشىزمغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ،1936-يىلىدىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىغا مەدەت بەرگەن. 1937-يىلى ئاراگۇن بىلەن بىرلىكتە >كەچلىك گېزىتى< نى چىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، 1941 - يىلى نائىلاج سەرگەردان بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق خەلقنى قەتىئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق >كەچلىك گېزىتى< نىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ >سېتىلغان فرانسىيىدىن قولىغا قورال ئالغان فرانسىيىگىچە< ناملىق ئەسىرى بار. )2( مارك بلوك )1886 - 1944(يىلىرى سىتراسبۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلى فېبۋرې بىلەن بىرلىكتە >ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت يىللىق مەجمۇئەسى< نى چىقىرىپ، تارىخ تەتقىقاتىدا پسىخولوگىيە، جۇغراپىيە ۋە ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان 1936-يىلىدىن ئېتىبارەن پارىژ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، غەربىي ياۋروپا فېئوداللىق جەمئىيەتلىرى توغرىسىدا مۇپەسسەل بايانلىرى بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فاشىست گېرمانىيىسى فرانسىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1944-يىلى 6-ئايدا ئىشغالىيەتچى ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «فرانسىيىنىڭ يېزا تارىخىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى»، «تارىخنى ئاقلايمەن» قاتارلىق ئەسەلىرى بار.