UyghurMain Dictionary
بۇلۇن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تۇتقۇن، ئەسىر(<بۇلنا> غا ئوخشاش).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇتقۇن، ئەسىر.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئاباڭ قولسام ئۇزۇ بارىپ
تۇتار ئەردىم سۈسىن تارىپ
بۇلۇن قىلىپ باشى يارىپ
يۇلۇغ بارچا ماڭا يىغدى
{ئەگەر خالىسام قوغلاپ بېرىپ،
قوشۇنىنى تارمار قىلىپ تۇتاتتىم،
ئەسىر قىلىپ بېشىنى ياراتتىم،
ماڭا بار - يوق نېمىسىنى تۆلەم مال قىلىپ قويدى.}
يېڭىلگەن بىر كىشى توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: ئەگەر مەن خالىسام، ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، قوشۇنىنى تارمار قىلار ئىدىم ۋە ئۆزىنى تۇتقۇن قىلىپ، باش - كۆزىنى يارار ئىدىم؛ لېكىن، جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدىمغا نۇرغۇن مال قويدى، مەن ئۇنى قويۇپ بېرىپ ئۆزەمدىن مىننەتدار قىلدىم.
1 - 519