Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇلوۋ
دۇنيا تارىخى
标洛
biāo luò
(1849 - 1929) گېرمانىيە ۋەزىرى ۋە پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1900 - 9091). پرۇسسىيىدىكى بىر بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1873 - يىلدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. 1888 - 1893، 1893 - 1897 - يىللىرى ئىلگرى - كېيىن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. ۋەزىر ۋە باش ۋەزىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرى ئىچكى جەھەتتە 1902-يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت بېجىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغدىغان. ئافرىقىدىكى خوتتېنتوتلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوشۇلغان خام چوتنى ماقۇللىغان ھەمدە 1907-يىل <بۇلوۋ ئىتتىپاقى> نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان. سىرتقا قارىتا مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىك ۋە ئۇرۇش سىياسىتىنى پائال يۈرگۈزۈپ، دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ پۈتۈن كۈچى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ تولۇقلاپ، بالقان، يېقىن شەرق، يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى كېڭەيمىچىلىكنى جىددىيلەشتۈرگەن، شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. ماراكەشنى تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن 1909-يىلى خىزمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1914 - 1915 - يىللىرى ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان ۋاقتىدا ئىتالىيىنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كېتىپ، بىتەرەپ مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن بۇ غەرەز ئىشقا ئاشمىغان. ئۇنىڭ <گېرمانىيە سىياسىتى>، <مۇھىمى مۇلاھىزە قىلىشتا> قاتارلىق كىتابلىرى بار.