Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇلانگېر
دۇنيا تارىخى
布朗热
bù lǎng rè
(1837 - 1891) فرانسىيىلىك ھەربىي، سىياسىي تەۋەككۇلچى. سائىنت - كىر ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، 1856-يىلى ھەربىي سەپكە كىرىپ، ئالجىرىيە، ھىندىچىنى قاتارلىق رايونلاردىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. يەنە پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا ۋە پاىژ كوممۇنىسىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1882 - يىلى پىيادە ئەسكەرلەر باش نازارەتچىسى بولغان. 1886 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. گېرمانىيىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدىكى ئۇرۇشخۇمارلىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شوۋېنىزملىق ئەسەبىيىلىكنى قوزغىغان. <قىساسكار گېنېرال> دەپ نام ئالغان. 1887-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. رادىكاللار، مۇنارخىستلار، بوناپارتچىلار ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، 1888-يىلى 2-ئايدا ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 3-ئايدا، جامائەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان گۇناھ بىلەن ھەربىيلىكتىن قوغلانغان. ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، مەسئۇل كابىنېت تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بوناپارتچە ھەربىي مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تىكلەشكە ئۇرۇنغان. 1889-يىلى 1-ئايدا پارىژدىكى سايلامدا تولۇق غەلىبىگە ئېرىشكەن. لېكىن ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا پېتىنالمىغان. 2-ئايداقۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى، دېگە گۇناھ بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان، ئاۋام پالاتاسىمۇ ئۇنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغان. بريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، سىرتتىن ھۆكۈم قىلىنىپ، ۋەتەن خائىنى جىنايىتى دەپ بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىناۋىتى بىردىنلا تۆكۈلگەن. 1891-يىلى 9-ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.