Chinese→UyghurMain Dictionary
不结盟国家和政府首脑会议
دۇنيا تارىخى
ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى
قىسقىچە ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا تىتو، نىھرۇ، سوكارنۇ، جامال ئابدۇل ناسىر قاتالىقلار ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن مىسىر، يۇگوسلاۋىيە، ھىندىستان، ھىندۇنېزىيە، ئافغانىستانسىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 1961 - يىلى 6 - ئايدا قاھىرەدە ئىتتىپاق تۈزمىگە دۆلەتلەر يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ شەرتلىرى: تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئاساسىدىكى مۇستەقىل سىياسەتنى يولغا قويغان بولۇش؛ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرگەن بولۇش؛ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي گۇرۇھلىرىغا قاتناشمىغان بولۇش؛ قوش تەرەپلىك ھەربىي ئىتتىپاق تۈزمىگەن بولۇش؛ چەت ئەللەرنى ھەربىي بازا بىلەن تەمىنلىمىگەن بولۇش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 1، 6 - كۈنلىرى، بىرىنچى قېتىملىق يىغىن بىلگىرادتا ئېچىلىپ، 25 دۆلەت قاتناشقان. يىغىن خىتابنامە ماقۇللاپ <مۇستەملىكىچىلىكنى دەرھال، شەرتسىز، ئۈزۈل - كېسىل ۋە ناھايەت بىكار قىلىش> نى تەلەپ قىلغان. 5 - نۆۋەتلىك يىغىن 1976 - يىل 8 - ئاينىڭ 16 - 19 - كۈنلىرى كولۇمبۇدا ئۆتكۈزۈلۈپ، سىياسىي مۇستەقىللىك بىلەن ئىقتىسادىي مۇستەقىللىكنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. 6 - نۆۋەتلىك يىغىن 1979 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - 7 - كۈنلىرى ھاۋانادا ئېچىلغان. تىتو يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە يىغىندا ئۇزۇن نوتۇق سۆزلەپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەسلىدىكى پرىنسىپلىرىنى شەرھلىگەن. كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا ماقۇللانغان يىغىننىڭ <سىياسىي خىتابنامە> سىدە، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇلۇپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلەر تارمار قىلىنغان. 7 - نۆۋەتلىك يىغىن 1983 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - 12 - كۈنلىرى يېڭى دېھلىدا چاقىرىلىپ، ئىتتىپاق تۈزۈمەسلىك ھەرىكىتگە ئەزا 100 دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا دۇنيادىكى زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەم ئىتتىپاق تۈزۈمەسلىك ھەرىكىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، بىر قاتار خىتابنامىلەر ماقۇللانغان، ۋەھاكازا.