UyghurMain Dictionary
بۇيرۇماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ئىشنى قىلىشقا، بېجىرىشكە بۇيرۇق بەرمەك؛ تاپشۇرماق؛ تاپلىماق.
ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ (ماقال).
ھۆكۈم قىلماق، ھۆكۈم چىقارماق.
خەلىپە ھارۇن رەشىدا ئۇنى شۇ يەرگە ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ.
بىرەر ئىشنى ئالدىن ھاۋالە قىلماق، زاكاز قىلماق، بۇيرۇتماق.
گۈلخېنىم شەرىخانغا بىر دوپپا بۇيرۇغانىدى.
قانۇنىي يول بىلەن ئىگىلىكىدە، تەۋەلىكىدە قىلىپ بەرمەك.
ئېگىچە - سىڭىللار: - بولمىسا، قازىغا بارىمىز، قازى قايسىبىرىمىزگە بۇيرۇپ بەرسە يىگىت شۇنىڭ بولىدۇ، - دەپ دىۋىلەرنىڭ قازىسىغا بېرىپتۇ.
مەلۇم ئىشنى قىلىش ياكى مەلۇم بىرىنى قىلماسلىقنى ۋەسىيەت قىلماق، يېزىپ بەرمەك (دوختۇر، تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەققىدە).
دورا بۇيرۇماق.
بىرەر ئىش، تاپشۇرۇق بىلەت ئەۋەتمەك.
مۇزەپپەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىزنى شۇ كۈنىلا تاغقا بۇيرۇدى.
نېسىپ بولماق، نېسىپ قىلماق.
يۈگۈرگەن قالار، بۇيرۇغان ئالار (ماقال).
بۇيرۇسا بالا، بۇيرۇمىسا بالا (ماقال).